يەتكۈزۈش ئىشىكى شياۋمى پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە"بىز" ياكى"شياۋمى" دېيلىدۇ) يۈرۈتكەن، سىزنى خەت بىر تەرەپ قىلىش، تەرجىمە، سىكارنىرلاش، مال تونۇش بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇلازىمەت ئەپى. بىز ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ مەزكۇر «ئىشلەتكۈچى كېلىشىمى»نى ياخشى ئوقۇپ، تولۇق چۈشىنىشىنى ئەسكەرتىمىز (تۆۋەندە"مەزكۇر كېلىشىم"دېيىلىدۇ). ئىشلەتكۈچىلەر بۇ كېلىشىمدىكى ھەر قايسى ماددىلارنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، تولۇق چۈشىنىشى، بولۇپمۇ تېرىق جاۋابكارلىقىنى كەچۈرۈم قىلىش ياكى چەكلەش، تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىش ۋە قانۇننى تەدبىقلاشقا چېتىلىدىغان ماددىلارنى تولۇق چۈشىنىشى كېرەك. جاۋابكارلىقنى كەچۈرۈم قىلىش ياكى چەكلەش ماددىلىرىغا يىرىك بەلگە قويۇلىدۇ، نۇقتىلىق ئوقۇشىڭىز كېرەك. ئىشلەتكۈچىلەر ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئوقۇش ھەمدە بۇ كېلىشىمنى قوبۇل قىلىش ياكى قوبۇل قىلماسلىق (قۇرامىغا يەتمىگەنلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەسىيلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا ئوقۇشى كېرەك) نى تاللىشى كېرەك. ئىشلەتكۈچىنىڭ يەتكۈزۈش ئىشىكىنى ئىشلىتىش ئىقتىدارى بۇ كېلىشىمنى قوبۇل قىلدى دەپ قارىلىدۇ، ھەمدە بۇ كېلىشىمدىكى ھەرقايسى ماددىلارنىڭ چەكلىمىگە قوشۇلغان بولىسىز. ئەگەر ئىشلەتكۈچى بۇ كېلىشىمگە قوشۇلمىسا، ھېچقانداق يەتكۈزۈش ئىشىكى ئىقتىدارىنى ئىشلەتمەڭ. شياۋمىنىڭ مەزكۇر كېلىشىمنى تۈزۈش ھوقۇقى بار، يېڭىلانغاندىن كېيىنكى كېلىشىم ماددىلىرى سىز بۇ ئىقتىدارنى ئىشلەتكەندە ئېلان قىلىنىدۇ، بۇ كېلىشىم ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
1.1 يەتكۈزۈش ئىشىكى سىستېما ئىزدىنىش تۈرىدىكى تەجرىبە ئىقتىدارى.ھەرقانداق يېزىق، رەسىم بار رايوندا، تاق بارماق ياكى قوش بارماق بىلەن ئۇزۇن باسسا، يانفون سىستېمىسىنىڭ يېزىق، رەسىم مەزمۇنىغا قارىتا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئانالىزىنى قوزغىتالايدۇ، نۆۋەتتىكى قوللىنىشتىن چەتنىمەي تۇرۇپلا يېزىق بىر تەرەپ قىلىش، تەرجىمە قىلىش، سىكاننېرلاش، رەسىملىك مال سېتىۋېلىش، بۇيۇملارنى پەرقلەندۈرۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرگە ئېرىشەلەيدۇ.
1.2 بۇ كېلىشىم بولسا ئابۇنىچىلار بىلەن شياۋمى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك شىركەتلەر ھەمدە تىجارەت ھەمكارلىق ئورۇنلىرى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ« ھەمكارلىق ئورۇنلىرى» دېيىلىدۇ) ئوتتۇرىسىدىكى ئابۇنىچىلار ئىشلىتىدىغان يەتكۈزۈش ئىشىكى يۇمشاق دېتالى ياكى مۇلازىمەت ئورنى توغرىسىدىكى كېلىشىمدۇر.
1.3 بۇ دىتال ۋە مۇلازىمەت بولسا شياۋمى تەمىنلىگەن كۆچمە تېرمىنال دىتال ۋە مۇلازىمىتى،ئۆز ئىچىگە ئالىدىغىنى:
1.3.1 يېزىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىش: ئېكراندىكى خەتلەرنى پەرقلەندۈرۈش، ھالقىلىق سۆزلەرنى ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىزدەش، كۆپەيتىش، تەرجىمە قىلىش، يول باشلاش قاتارلىق مۇلازىمەت كارتىسى ھاسىل قىلىنىدۇ؛
1.3.2 تەرجىمە: توردىكى تەرجىمە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ؛
1.3.3 سىكانىرلاش: تەرجىمە، رەسىمگە تارتىپ سېتىۋېلىش، كود سىكانىرلاش، نام كارتىسى تونۇش، ھۆججەت سىكانىرلاش قاتارلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ؛
1.3.4 رەسىم تونۇپ سېتىۋېلىش: رەسىمدىكى ماللارنى پەرقلەندۈرۈپ ھەمدە سېتىۋالغىلى بولىدىغان توردىكى ئىزدەش نەتىجىسىنى كۆرسىتىدۇ؛
1.3.5 تونۇتۇش بۇيۇمى: رەسىمدىكى بۇيۇمنى تونۇتۇش، بىلىملەرنىڭ ئىزدەش نەتىجىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
1.4 ئىشلەتكۈچى شۇنى چۈشىنىشى كېرەككى، شياۋمى پەقەت ئابۇنىچىلارنى يۇمشاق دېتال ۋە مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇنىڭدىن باشقا، مەزكۇر يۇمشاق دېتال ۋە مۇلازىمەتكە مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنىلەرگە كېرەكلىك خىراجەت (مەسىلەن، مەزكۇر يۇمشاق دېتالنىڭ تېرمىنال خىراجىتى، ئالاقە تورىغا ئۇلاش ئۈچۈن چىقىم قىلىنغان تورغا چىقىش خىراجىتى، مال سېتىۋېلىش ئۈچۈن چىقىم قىلىنغان خىراجەت) نى ئابۇنىچىلار ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئابۇنىچى مەزكۇر يۇمشاق دېتال ئابۇنىچىلىرى تېرمىنالى ۋە مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتلەرنى ئىشلەتكەندە ئابۇنىچىنىڭ ئۈسكۈنىسى، بەلباغ كەڭلىكى، ئېقىم مىقدارى قاتارلىق مەنبەلىرىنى خورىتىدۇ.
2.1 شياۋمى بۇ دىتال ئارقىلىق ئىشلەتكۈچىگە شەخسىي،ئۆتكۈزۈپ بەرگىلى بولمايدىغان، ھوقۇقلاندۇرغىلى بولمايدىغان يەككە قىلىشقا بولمايدىغان رۇخسەتنى بېرىدۇ.
2.2 ئابۇنتلار غەيرىي سودا مەقسىتى ئۈچۈن ئالاقىدار ئۈسكۈنە ئۇچىغا مەزكۇر يۇمشاق دېتالنى قاچىلىسا، ئىشلەتسە، كۆرسەتسە، ئىجرا قىلسا بولىدۇ. لېكىن ئىشلەتكۈچىلەر سودا تىجارىتى مەقسىتى ئۈچۈن مەزكۇر يۇمشاق دېتالنى ئورناتسا، ئىشلەتسە، ئىجرا قىلسا بولمايدۇ، مەزكۇر يۇمشاق دېتال ياكى مەزكۇر يۇمشاق دېتالنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا ھەرقانداق تېرمىنال ئۈسكۈنىسىنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىسىغا قويۇپ بەرگەن سانلىق مەلۇمات ھەمدە مەزكۇر يۇمشاق دېتالنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئابۇنىچىلار تېرمىنالى بىلەن مۇلازىمىتېر ئۇچىدىكى ئۆزگىرىشچان سانلىق مەلۇماتلارنى نۇسخىلاپ، ئۆزگەرتىپ، ئېسىپ قويسا ياكى ھەرقانداق تۇغۇندى ئەسەرنى ئىجاد قىلسا بولمايدۇ، شەكلى قىستۇرما، سىرتتىن ئاسقان ياكى ھوقۇق بېرىلمىگەن ئۈچىنچى تەرەپ قورالى، مۇلازىمەت مەزكۇر يۇمشاق دېتالى ۋە مۇناسىۋەتلىك سىستېمىنى ئىشلىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر سودا خاراكتېرلىك سېتىش، كۆپەيتىش ۋە تارقىتىشقا توغرا كەلسە، مەسىلەن، يۇمشاق دېتالنى ئالدىن قاچىلاش ۋە باغلاشقا توغرا كەلسە، چوقۇم شياۋمىنىڭ يازما ھوقۇق بېرىشى ۋە ئىجازىتىگە ئېرىشىش كېرەك.
2.3 ئىشلەتكۈچى شياۋمىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ،بۇ دىتالنى شياۋمى رۇخسەت قىلمىغان ئۈسكۈنىگە قاچىلاشقا بولمايدۇ
2.4 ئىشلەتكۈچى بۇ يۇمشاق دىتالنى ياكى مۇلازىمەتنى ئىشلىتىش مەقسىتىدە بىر قوشۇمچە نۇسخىنى كۆچۈرسە بولىدۇ، پەقەت زاپاسلاشقا ئىشلىتىلىدۇ.قوشۇمچىنى زاپاسلاش ئۈچۈن چوقۇم ئەسلىدىكى دىتالدا بار بولغان بارلىق ئاپتورلۇق ھوقۇق بولىشى كېرەك.
2.5 «ئىشلەتكۈچى كېلىشىمى» نىڭ ھوقۇقلاندۇرۇشىدىن باشقا، شياۋمى باشقا ھوقۇقلارنى ئىشلەتكۈچىگە بەرمىگەن،ئەگەر باشقا ھوقۇقلارنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز شياۋمىنىڭ قوشۇلىشىغا ئېرىشىشىڭىز كېرەك
3.1 ئىشلەتكۈچى سىنىقى،مۇلازىمەت مەزمۇنىنى ياخشىلاش ئۈچۈن،شياۋمىنىڭ قەرەلسىز ھالدا ئىشلەتكۈچى ئۈچۈن دىتال ئالامشتۇرۇش،ئۆزگەرتىش،نەشىرىنى يېڭىلاشنى تەمىنلەش ھوقۇقى بار. دىتال يېڭى نەشرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شياۋمى كونا نەشىردىكى ئەپ دىتالىنىڭ داۋاملىق ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ.
4.1 بۇ دىتال مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئىشلەتكۈچى شياۋمى ھېساباتىغا تىزىملىتىشى كېرەك،شياۋمى ھېساباتىغا تىزىملىتىش،ئىشلىتىش پائالىيىتى «شياۋمى ھېساباتى ئىشلىتىش كېلىشىمى» گە بويسۇنىشى كېرەك.
5.1 ئابۇنىچى يەتكۈزۈش ئىشىكى تەمىنلىگەن يېزىق بىر تەرەپ قىلىش، تەرجىمە قىلىش، سىكاننېرلاش، رەسىم تونۇتۇپ مال سېتىۋېلىش، نەرسىلەرنى پەرقلەندۈرۈش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئىشلەتسە بولىدۇ.
5.2 قىسمەن سىستېما ئەپى ياكى مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئورۇن بەلگىلەش، كۆكچىش ياكى سانلىق مەلۇمات تورىنى ئېچىش كېرەك، بۇ قىسمەن ئىقتىدارنى ئىشلەتسە ئىشلەتكۈچىنى ئورۇن بەلگىلەش،كۆكچىش ياكى سانلىق مەلۇمات تورىنى ئېچىشقا قوشۇلدى دەپ قارىلىدۇ.
5.3 قىسمەن سىستېما دىتالى ۋە مۇلازىمەتنىڭ ئايرىم ئىشلەتكۈچى كېلىشىمى ۋە باشقا مۇلازىمەت قائىدىسى قاتارلىقلار بار،ئىشلەتكۈچى بۇلارنى ئېچىشتىن بۇرۇن ئوقۇپ قوشۇلسا بولىدۇ.
6.1 ئىشلەتكۈچى قانۇن ۋە بۇ كېلىشىمگە بويسۇنغان ئاساستا بۇ دىتال ۋە مۇلازىمەتنى ئىشلەتسە بولىدۇ،ئىشلەتكۈچى تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى قىلسا بولمايدۇ:
6.1.1 بۇ دىتال ۋە باشقا قوشۇمچىدىكى بارلىق نەشىرگە ئالاقىدار ئۇچۇرنى ئۆچۈرۈش،ياكى بۇ دىتالنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن تەڭشەلگەن تېخنىكىلىق تەدبىرىدىن قېچىش،ئۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىش قاتارلىقلار؛
6.1.2 بۇ دىتالغا قارىتا تەتۈر ئېنژىنىرلىق قىلىش،مەسىلەن تەتۈر تەھرىرلەش،ۋە باشقا ئۇسۇلدا دىتال كودىغا ئېرىشىش؛
6.1.3 دىتالدا ئىجرا بولغان بۇيرۇقنى ئۆزگەرتىش ياكى ساختىلق قىلىش،دىتال ئىقتىدارىنى ياكى ئۈنۈمىنى ئۆزگەرتىش، ئۆچۈرۈش، ياكى يۇقارقى دىتاللارنى ئاممىغا ياكى يۈرۈتكۈچىگە تارقىتىش؛
6.1.4 بۇ دىتالنى ئىشلىتىپ ئېلىپ بارغان ھەرقانداق تور بىخەتەرلىكىگە خىلاپ قىلمىش،تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ لېكىن چەكلەنمەيدۇ: يول قويۇلمىغان مۇلازىمېتى ياكى ھېسابات ياكى سانلىق مەلۇماتقا كىرىش؛رۇخسەتسىز ئاممىۋى تورغا ياكى باشقىلارنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىغا كىرىپ ئۆچۈرۈش،ئۆزگەرتىش،ساقلانما ئۇچۇرىنى كۆپەيتىش؛رۇخسەتسىز سىىستېما ۋە تورنىڭ ئاجىز نۇقتىسىنى تەكشۈرۈش،سىناق قىلىش ياكى باشقا قىلمىشلار ئارقىلىق تور بىخەتەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش؛يالغاندىن TCP/IP سانلىق مەلۇماتى بوغچىسى ئىسمى ياكى قىسمەن ئىسىم ياساش.
6.1.5 ئىشلەتكۈچى شياۋمى شىركىتى ئىجاد قىلمىغان،رۇخسەت قىلمىغن ياكى ئېتراب قىلمىغان ئۈچىنچى تەرەپ ماسلاشتۇرۇش دىتالىنى ئىشلىتىپ،سىستېمىغا كىرىپ ياكى بۇ دىتال ياكى مۇلازىمەتنى ئىشلىتىپ،يۇقارقى قوراللانى ياساش،ئېلان قىلىش،تارىتىش
6.1.6 شياۋمىنىڭ يۈزتۇرانە قوشۇلىشىنى ئالماي تۇرۇپ،ئىشلەتكۈچى دىتال ۋە ئىچىدىكى ئۇچۇرنى تۆۋەندىكى ئۇسۇللاردا ئىشلىتىش: ئىجارە بېرىش،بېرىپ تۇرۇش،كۆچۈرۈش،ئۆزگەرتىش،ئۇلانما،تاقىتىش،تەھرىرلەش،ئېلان قىلىش،نەشىر قىلىش،بېكەت قۇرۇش بۇ دىتالنى ئىشلىتىپ باشقا يول قويۇلمىغان قىلمىشلارنى قىلىش
6.1.7 بۇ دىتالنى ئىشلىتىپ شۇ يەرلىك دۆلەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ مەزمۇننى ئېلان قىلىش،تارقىتىش،يوللاش ساقلاش.
6.1.8 بۇ دىتالنى ئىشلىتىپ باشقىلارنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى،سودا مەخپىيىتى قاتارلىقلارغا دەخلى قىلىش،تارقىتىش،يوللاش؛
6.1.9 بۇ دىتالنى ئىشلىتىپ ئېلان ئۇچۇرى ۋە ئەخلەت ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش،يوللاش،تارقىتىش
6.1.10 قانۇنغا خىلاپ،قانۇنغا ئۇيغۇن كەلمىگەن ھالدا ھەمدە بۇ كېلىشىمدە رۇخسەت قىلمىغان ئۇسۇلدا بۇ دىتال ۋە شياۋمىنىڭ باشقا مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىش.
6.2 ئۇچۇر ئېلان قىلىش نىزامى
6.2.1 ئىشلەتكۈچى بۇ دىتال ئارقىلىق ئۇچۇر ئېلان قىلغاندا شۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك،تارقاتقان مەزمۇننىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئېرىشكەن ياكى قانۇنلۇق ھوقۇقلاندۇرۇشقا ئېرىشكەن،بۇ دىتال ۋە مۇلازىمەتنى ئىشلەتكەندىكى قىلمىشى ھېچقانداق ئۈچىنچى تەرەپنىڭ قانۇنلۇق مەنپەئەتىگە دەخلى قىلمىغان بولىشى كېرەك.
6.2.2 ئىشلەتكۈچى بۇ دىتالنى ئىشلەتكەندە تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلسا بولمايدۇ، ئۆز ئىچىگە ئالىدىغىنى لېكىن چەكلەنمەيدىغىنى:
6.2.2.1 شۇ يەرلىك دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ مەزمۇنلارنى ياساش، كۆچۈرۈش، ئېلان قىلىش، تارقىتىش، ساقلاش؛
6.2.2.2 باشقىلارنىڭ نام-شۆھرەت ھوقۇقى،سۈرەت ھوقۇقى،بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى،سودا مەخپىيىتى قاتارلىق قانۇنلۇق ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان مەزمۇننى يوللاش،ساقلاش،تارقىتىش قاتارلىقلار؛
6.2.2.3 ھەقىقىيلىكنى يوشۇرۇپ،ناشقىلارغا خاتا باشلامچىلىق قىلىپ،باشقىلارنى ئالداش؛
6.2.2.4 ئېلان ئۇچۇرى ۋە ئەخلەت ئۇچۇرلارنى تارقىتىش،ئېلان قىلىش؛
6.2.2.5 شۇ يەرلىك نىزامىغا خىلاپ باشقا قىلمىشلار؛
6.2.3 شياۋمىنىڭ رۇخسىتىسىز،ئىشلەتكۈچى بۇ دىتال ئارقىلىق ئېلان بېرىش،سودا قىلمىشلىرى بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ.
6.3 سىز چۈشىنىشى ۋە قوشۇلىشى كېرەككى:
6.3.1 شياۋمى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ يۇقارقى قانۇنسىز قىلمىشلىرىغا قارىتا دەلىلىلەپ،نەتىجىسىگە ئاساسەن ئىشلىتىش رۇخسىتىنى توختىتىدۇ ياكى چەكلەش تەدبىرىنى قوللىنىدۇ.
6.3.2 دىتال ئىشلىتىش جەريانىدا ئېلان قىلغان قانۇنغا خىلاپ ياكى باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ئۇچۇرنى، شياۋمى بىۋاستە ئۆچۈرىۋېتىدۇ.
6.3.3 ئىشلەتكۈچى يۇقارقىلارغا خىلاپلىق قىلىپ ئۈچۈنچى تەرەپنى زىيانغا ئۇچراتسا،ئىشلەتكۈچى ئۆزىنىڭ نامىدا قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى،ھەمدە شياۋمىدىن بۇ زىياندىن ۋە ئارتۇقچە چىقىمدىن بىكار قىلىش كېرەك.
6.3.4 ئەگەر ئىشلەتكۈچى ئالاقىدار قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ،شياۋمىنى زىيانغا ئۇچراتسا،ياكى ئۈچىنچى تەرەپنىڭ تۆلەم تەلەپ قىلىشىنى ئېلىپ كەلسە،ياكى مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ جازالىشىغا ئۇچرىسا،ئىشلەتكۈچى شياۋمىغا بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان زىيان ۋە ھەقنى تۆلەپ بېرىشى كېرەك.
7.1 خېرىدارلار شۇنى چۈشىنىشى ۋە قوشۇلىشى كېرەككى، يەتكۈزۈش ئىشىكى شياۋمىنىڭ ئالاقىدار تەرەپ ياكى ئۈچىنچى تەرەپ تەمىنلىگەن ماھارەت ياكى مۇلازىمەتنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن، شياۋمى پەقەت ئابۇنىچىلارنىڭ مەشغۇلاتىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن يەتكۈزۈش ئىشىكىدە مۇناسىۋەتلىك ئىقتىدار مودېلى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئۈچىنچى تەرەپ ماھارەت / مۇلازىمەت ئىشلىتىش ئېغىزى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
7.2 مەيلى ئۈچىنچى تەرەپ ماھارىتى ياكى مۇلازىمىتى يەتكۈزۈش ئىشىكىگە ئورۇنلاشتۇرۇلسۇن، ياكى ئابۇنىچىلار ئۆزى ئاچسۇن ياكى زاكاز قىلسۇن، ئابۇنىچىلار بىردەك چۈشىنىدۇ ھەم قوشۇلىدۇ، شياۋمىنىڭ ئۈچىنچى تەرەپ ماھارىتى ياكى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى تەرەپ ياكى ئابۇنىچىلار ھەرىكىتىنىڭ قانۇنلۇقلۇقى، ئۈنۈملۈكلۈكى، شۇنداقلا ئۈچىنچى تەرەپ ماھارىتى / مۇلازىمىتىنىڭ قانۇنىيلىقى، توغرىلىقى، ئۈنۈملۈكلۈكى، بىخەتەرلىكىگە ھەر قانداق ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن كاپالەت ياكى كېپىللىك قىلىنمايدۇ.
7.3 بۇ ئەپ ئۈچىنچى تەرەپ تېخنىكىسى / مۇلازىمىتىنى نازارەت قىلمايدۇ،بۇنىڭغا قارىتا ھېچقانداق كونترول ھوقۇقى يوق،ھەمدە بۇلارغا قارىتا ھېچقانداق كاپالەت بەرمەيدۇ،ھەمدە مەسئۇلىيەتكە ئىگە بولمايدۇ.
7.4 ئىشلەتكۈچى ۋە ئۈچىنچى تەرەپ تېخنىكا / مۇلازىمىتى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن تالاش تارتىشقا قارىتا بۇلار ئۆز ئارا كېلىشىپ ھەل قىلىشى كېرەك، شياۋمى ھېچقانداق مەسئۇلىيەتكە ئىگە بولمايدۇ.
8.1 شياۋمى مەزكۇر مەھسۇلات شەخسىي مەخپىيەتلىك سىياسىتىنىڭ ئىشلەتكۈچىنىڭ شەخسىيىتىنى قوغدايدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىدۇ، تەپسىلاتىنى:https://privacy.mi.com/taplus/ug_CN/ دىن كۆرۈڭ.
9.1 شياۋمىنىڭ ئىشلەتكۈچىنىڭ قىلمىشىنىڭ بۇ مۇلازىمەت كېلىشىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كەلمەيدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى بار،ئەگەر ئىشلەتكۈچىنى ئالاقىدار قانۇن نىزامىغا ياكى بۇ كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلدى دەپ قارىسا،خىلاپ قىلمىشنىڭ ئېغىرلىقىغا قارىتا ئىشلەتكۈچىنىڭ قائىدىگە خىلاپ ئۇچۇرى ئۆچۈرۈلۈپ،بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلىتىشى چەكلىنىدۇ، ياكى ئۆمۈرلۈك توختىتىلىدۇ. ئوخشىمىغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ،قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەگەر شياۋمى ھەرقانداق زىيانغا ئۇچرىسا، ئىشلەتكۈچى بارلىق مەسئۇلىيەتكە ئىگە بولىدۇ. ئەگەر شياۋمىنى ھەر قانداق زىيانغا ئۇچراتسا (ھەر قانداق ئۈچىنچى تەرەپنىڭ تۆلەم تەلەپ قىلىشى ياكى ھەر قانداق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ جازاسى بىلەن چەكلەنمەيدۇ) ، ئىشلەتكۈچىلەر بارلىق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
10.1 شياۋمى نۆۋەتتىكى تېخنىكىسى ئارقىلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. شىياۋمى مەزكۇر يۇمشاق دېتال مۇلازىمىتىنىڭ مەشغۇلات جەھەتتە ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا ياكى خاتالىق سادىر قىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلمايدۇ، مەزكۇر يۇمشاق دېتال مۇلازىمىتىدىكى بارلىق نۇقسانلارنى تۈزىتىشكە كاپالەتلىك قىلمايدۇ، ھەم مەزكۇر يۇمشاق دېتال مۇلازىمىتىنىڭ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ بارلىق تەلىپىنى قاندۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە، شياۋمى ھېچقانداق مەسئۇلىيەت ئىگە بولمايدۇ.
10.2 ئىشلەتكۈچى ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئالاقە لىنىيىسى كاشىلىسى،تېخنىكا مەسىلىسى،تور،كومپىيۇتېر تېرمىنالى كاشىلىسى،سىستېما مۇقىم بولماسلىق ۋە باشقا قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان سەۋەبلىك ئۇچرىغان بارلىق زىيانغا،شياۋمى ۋە ھەمكارلاشقۇچى ئورگان مەسئۇل بولمايدۇ.
10.3 شياۋمى بۇ دىتال ئارقىلىق ئېرىشكەن ئۇچۇر مەزمۇنىنىڭ(ئۈچىنچى تەرەپ مۇلازىمىتى قاتارلىقلار) قانۇنلۇق،ھەقىقىي،توغرا،ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلالمايدۇ،شياۋمى ئىشلەتكۈچىنىڭ ئاساسىي تەكشۈرۈشى،كۆرۈشى قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ ئاقىۋىتىگە مەسئۇل بولمايدۇ.
10.4 بۇ دىتال باشقا ئالاقە تور دىتالىغا ئوخشاش،بەلكىم ئىشلەتكۈچى ئامىلى،تور مۇلازىمەت سۈپىتى،جەمئىيەت مۇھىتى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ،بەلكىم ھەرخىل بىخەتەرلىك مەسىلىسىنىڭ ئاۋارىچىلىقىغا ئۇچرىشى مۇمكىن،مەسىلەن باشقىلارنىڭ ئىشلەتكۈچىنىڭ ماتېرىيالىنى ئىشلىتىپ،تۇرمۇشتىكى ئاۋارىچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى؛ئىشلەتكۈچى چۈشۈرۈپ قاچىلىغان باشقا دىتاللار ياكى زىيارەت قىلغان باشقا توربەتتە"ترويان ۋىرۇسى" قاتارلىق ۋىرۇس بولىشى مۇمكىن،بۇلار ئىشلەتكۈچىنىڭ سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىگە تەسىر قىلىدۇ،ھەمدە بۇ دىتالنىڭ نورمال ئىشلىتىلىشىگە تەسىر قىلىدۇ. شۇڭا ئىشلەتكۈچى بىخەتەرلىك ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرىشى كېرەك. ئىشلەتكۈچىلەر ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ۋە ئىشلەتكۈچى ماتېرىياللىرىنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتىشى، زىيانغا ۋە پاراكەندىچىلىككە ئۇچراشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مەخپىي نومۇرنى قوغداشنى كۈچەيتىشكە دىققەت قىلىشى كېرەك.
10.5 ئىشلەتكۈچىلەر مەزكۇر يۇمشاق دېتالنى ئىشلەتكەن ياكى شياۋمىدىن ئالاھىدە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغاندا، مەزكۇر يۇمشاق دېتال بەلكىم ئۈچىنچى تەرەپ سىستېمىسى ياكى ئۈچىنچى تەرەپ يۇمشاق دېتالىنى ئىشلىتىپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىشلىتىش ياكى زىيارەت قىلىشىنى قوللىشى مۇمكىن، ئىشلىتىش ياكى زىيارەت قىلىش نەتىجىسىنى ئۈچىنچى تەرەپ تەمىنلەيدۇ، ئىشلەتكۈچىلەر مەزكۇر كېلىشىمدىكى ئالاقىدار قائىدىلەرگە رىئايە قىلغاندىن سىرت، يەنە ئۈچىنچى تەرەپ كېلىشىمى ۋە مۇناسىۋەتلىك قائىدىلەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك. ئىشلەتكۈچىلەر چوقۇم چۈشىنىشى ھەم قوشۇلۇشى كېرەك، ئۈچىنچى تەرەپ مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكەندە، ئۈچىنچى تەرەپ ئىشلەتكۈچىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى ئوقۇپ چىقىشى مۇمكىن، شياۋمى ئۈچىنچى تەرەپ سىستېمىسى ياكى ئۈچىنچى تەرەپ يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغان نەتىجىنىڭ بىخەتەرلىكى، توغرىلىقى، ئۈنۈمدارلىقى ۋە باشقا ئېنىقسىز خەۋپ-خەتەرلەرگە كاپالەتلىك قىلمايدۇ، ئىشلەتكۈچىلەر ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھۆكۈم قىلىشى كېرەك، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ھەر قانداق تالاش-تارتىش ۋە زىيان، شياۋمى ھەر قانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
10.6 شياۋمى ئىشلەتكۈچىنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى سورايدۇكى،شياۋمى شىركەت كەسپنىڭ تەرەققىياتى ۋە تەڭشەشتىكى ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى ئۈچۈن، شياۋمى مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ئىشلەتكۈچىگە ئۇقتۇرۇش قىلغاندىن كېيىن مۇلازىمەتنى خالىغاندا ئۆزگەرتسە ياكى تۈزەتسە بولىدۇ.
10.7 قانۇندا ئېنىق بەلگىلەنگەندىن سىرت،شياۋمى بارلىق تىرىشچانلىقى ئارقىلىق يۇمشاق دىتال ۋە تېخنىكا ھەمدە ئۇچۇر بىخەتەرلىكى،ئۈنۈملۈك بولىشى،توغرىلىقى،ئىشەنچىلىك بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، لېكىن ھازىرقى تېخنىكا چەكلىمىسى سەۋەبلىك، ئىشلەتكۈچى شياۋمىنىڭ بۇنىڭغا كېپىل بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىشى كېرەك.
10.8 ئىشلەتكۈچى تۆۋەندىكى دېيىلگەن ئەھۋاللاردا كېلىپ چىققان ئادەم يارىلىنىشى،ۋاستىلىك ئىقتىسادىي زىيان، مەسىلەن پايدا زىينى،ماتېرىيال زىينى،كەسپ ئۈزۈلۈپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان زىيان ياكى باشقا سودا تۆلىمى زىينى قاتارلىقلارغا،ئىشلەتكۈچى ئۆزى ئىگە بولىشى كېرەك:
(1) رۇخسەت قىلىنغان دىتالنى ئىشلەتكەن ياكى ئىشلەتمىگەن.
(2) ئۈچىنچى تەرەپ رۇخسەت قىلمىغان ئەپنى ئىشلىتىش ياكى ئىشلەتكۈچى سانلىق مەلۇماتىنى ئۆزگەرتىش.
(3) ئىشلەتكۈچىنىڭ ئەپنى ئىشلىتىپ ھاسىل قىلغان چىقىمى ۋە زىينى.
(4) ئىشلەتكۈچىنىڭ ئەپكە بولغان خاتا چۈشىنىشى.
(5) شياۋمىدىن باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى يۈز بەرگەن ئەپكە مۇناسىۋەتلىك باشقا زىيان.
10.9 ئابۇنىچىلار شياۋمىنىڭ ئەدلىيە، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى، نازارەت قىلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەلىپى ياكى ئۆزىنىڭ كەسپىي سەۋەبىگە ئاساسەن، ئابۇنىچىلارنى بارلىق ياكى قىسمەن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى ۋاقىتلىق توختىتىش، ئۈزۈپ قويۇش ياكى توختىتىشقا ھوقۇقلۇق. بۇنىڭغا قارىتا شياۋمى ھېچقانداق مەسئۇلىيەتكە ئىگە بولمايدۇ.
10.10 ئىشلەتكۈچى شۇنىڭغا قوشۇلىشى ۋە چۈشىنىشى كېرەككى،شياۋمى سودىدىكى مۇۋاپىق تىرىشىش ئارقىلىق ئىشلەتكۈچىنىڭ بۇ دىتالنى ئىشلىتىش جەريانىدىكى سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ،لېكىن پۈتۈنلەي ۋەدە بېرەلمەيدۇ،شۇنى چۈشىنىش كېرەككى مۇلازىمەت جەريانىدىكى سانلىق مەلۇمات ئۆچۈرۈلىشى ياكى ساقلاش ۋە زاپاسلاش مەغلۇپ بولۇشقا قارىتا شياۋمى مەسئۇل بولمايدۇ.
10.11 ئابونتلار سۈرەت، يېزىق، كۆرۈنمە چاستوتا ئۇچۇرلىرىنى يوللاپ، ھەر قانداق ئۈچىنچى تەرەپنىڭ تۆلەم تەلەپ قىلىش تەلىپى ياكى تۇغۇندى ھەر قانداق زىيان ياكى زىياننى كەلتۈرۈپ چىقارسا، ئابونت بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، شياۋمى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، شياۋمى ھەر قانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
11.1 شياۋمى بولسا مەزكۇر يۇمشاق دىتالنىڭ بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقدارى. شياۋمى بۇ ئەپنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقدارى. بۇ دىتالنىڭ بارلىق ئاپتورلۇق ھوقۇقى،سودا ماركىسى، پاتېنت ھوقۇقى،سودا مەخپىيەتلىكى قاتارلىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى،ھەمدە بۇنىڭغا ئالاقىدار بارلىق ئۇچۇر مەزمۇنى شۇ يەرلىك قانۇن قائىدىسى ۋە خەلقئارالىق شەرتنامىسىنىڭ قوغدىشىغا ئۇچرايدۇ،شياۋمى يۇقارقى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدىن بەھرىلىنىدۇ.
11.2 شياۋمىنىڭ يۈزتۇرانە قوشۇلىشىدىن ئۆتمەي تۇرۇپ،ئىشلەتكۈچى ھەرقانداق سودا ياكى باشقا ئۇسۇللاردا يۇقارقى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئىشلىتىش،ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە بولمايدۇ،شياۋمى يۇقارقى قىلمىشلارغا قارىتا قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتە قىلىدۇ.
12.1 ئەگەر ئىشلەتكۈچى 18 ياشقا توشمىغان بولسا،ھامىلە قىلغۇچىنىڭ ھامىيلىقىدا،كۆرسەتمە قىلىش قىلىشى ئاستىدا بۇ كېلىشىم ۋە ئالاقىدار مۇلازىمەتنى ئوقۇشى كېرەك.
12.2 قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئالاھىدە ئەسكەرتىشى:
12.2.1 ياش ئۆسمۈرلەر بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلەتكەندە ھامىيلە قىلغۇچنىڭ كۆردەتمىسى ئاساسىدا، مۇۋاپىق دائىرە ئىچىدە تور مۇھىتىنى توغرا ئۆگۈنىشى كېرەك، مەۋھۇم تور بوشلىقىغا كىرىپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
12.2.2 ياش ئۆسمۈرلەر چوقۇم «دۆلەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر تور مەدەنىيىتى ئەھدىنامىسى»گە رىئايە قىلىشى كېرەك:
(1) توردا ئۆگۈنۈش قىلىش،قالايمىقان مەزمۇننى كۆرمەسلىك.
(2) سەمىمىي دوستلىشىش،باشقىلارنى كەمسىتمەسلىك ئالدىماسلىق.
(3) ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ،توردىكى دوستلار بىلەن خالىغانچە ئۇچراشماسلىق.
(4) تور بىخەتەرلىكىنى قوغداپ،تور تەرتىپىنى بۇزماسلىق.
(5) ساغلاملىققا دىققەت قىلىپ،مەۋھۇم بوشلۇققا بېرىلىپ كەتمەسلىك.
13.1 شياۋمىنىڭ زۆرۈر تېپىلغاندا مەزكۇر كېلىشىمدىكى ماددىلارنى ئۆزگەرتىش ھوقۇقى بار، كېلىشىمدىكى ماددىلاردا ئۆزگىرىش بولسا، مۇناسىۋەتلىك بەتلەردە تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى كېلىشىم ماددىلىرى ئېلان قىلىنىدۇ. ئەگەر ئۆزگەرتىلگەن مەزمۇنلارغا قوشۇلمىسا، خېرىدارلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۇ مۇلازىمەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كېرەك. ئەگەر خېرىدار مۇلازىمەتنى داۋاملىق ئىشلەتسە، كېلىشىم ماددىلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىنى قوبۇل قىلدى دەپ قارىلىدۇ.
13.2 شياۋمى ئېھتىياج بويىچە تەمىنلىگەن ھەق ئېلىش مۇلازىمىتى، ھەق ئېلىش ئۆلچىمى، ھەق ئېلىش ئۇسۇلى، مۇلازىمەت ھەققى ۋە مۇلازىمەت ماددىلىرىنى ئۆزگەرتىش ياكى ئۆزگەرتىشكە ھوقۇقلۇق. شياۋمى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەندە، بەلكىم ھازىر ياكى بۇنىڭدىن كېيىن قىسمەن مۇلازىمەت ئىشلەتكۈچىلەردىن بەلگىلىك ھەق ئېلىشى مۇمكىن، ئەگەر ئىشلەتكۈچى بۇ ھەقنى تۆلەشنى رەت قىلسا، ھەق ئېلىش باشلانغاندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتنى داۋاملىق ئىشلەتسە بولمايدۇ.
14.1 بۇ كېلىشىم ماددىلىرىنىڭ كۈچى ۋە ئىزاھاتىغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ. ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەر بولمىسا، خەلقئارا سودا ئادىتى / سودا ئادىتىگە تەدبىقلىنىدۇ.
14.2 بۇ كېلىشىمنى ئىمزالىغان ئورۇن بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونى
14.3 ئىشلەتكۈچى ۋە شياۋمى بۇ مۇلازىمەتتىن كېلىپ چىققان ماجرانى مۇۋاپىق كېلىشىپ ھەل قىلىشقا قوشۇلىشى كېرەك، كېلىشەلمىسە بۇ كېلىشىمنى ئىمزالىغان قاراشلىق سوت مەھكىمىسىگە بېرىپ ھەل قىلسا بولىدۇ.
15.1 شياۋمى ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى ياكى قىسقا ئۇچۇر ياكى تور بەت ئېلانى ياكى شياۋمى مۇۋاپىق دەپ قارىغان ئۇسۇل بىلەن ئابۇنىچىلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئابۇنىچىلارنىڭ مۇلازىمەت ماددىلىرىنى ئۆزگەرتىش، مۇلازىمەتنى ئۆزگەرتىش ۋە باشقا مۇھىم ئىشلارنى ئۇقتۇرىدۇ. شياۋمى يۇقىرىقى ھەرقانداق بىر ئۇسۇل ئارقىلىق ئابۇنىچىلارغا ئۇچۇر يوللىغاندىن كېيىن، ئابۇنىچى ئۈچ كۈن ئىچىدە يازما شەكىلدە باشقىچە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويمىسا، يېڭى ئۇچۇرنى قوبۇل قىلغان مەزمۇن دەپ قارىلىدۇ.
15.2 بۇ كېلىشىمنىڭ يېڭىلانغان ۋاقتى 2021-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى.
15.3 كېلىشىمدىكى تېمىلارنى ئوقۇشقا قولايلىق بولىشى ئۈچۈن تەييارلىغان،ئەمەلىي ئەھمىيىتى يوق، بۇ كېلىشىمنى چۈشەندۈرىدىغان ئىسپات قىلىشقا بولمايدۇ.
15.4 بۇ كېلىشىمنىڭ تارماقلىرى مەيلى قانداق سەۋەبتىن بولسۇن قىسمەن جايلىرى ئىناۋەتسىز ياكى ئىجرا قىلغىلى بولمىسا، باشقا تارماقلىرى يەنىلا كۈچكە ئىگە.